پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى ئاتار ئابباس، 15 مىڭ ئەسكەرنىڭ سارھات ۋادىسىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى،" ئارمىيىنىڭ ۋادىدىكى مىلىتانلار، ئۇنسۇرلار ۋە دۆلەتكە قارشى ئېلىمېنتلارنى تازىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغانلىقى" نى بىلدۈردى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا پاكىستان ئارمىيىسى ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە ئاز دېگەندە 140 نەپەر تالىبان جەڭچىسىنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، پاكىستان ئارمىيىسى بىر قانچىلىغان ئەسكىرىنى چىقىم تارتقان.
پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندا پرېزىدېنت ئوباماغا ۋەدە بېرىپ، ئەلقائىدە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رويتېرسنىڭ خەۋەرىدە ئەسكەرتىشىچە، پاكىستان ئارمىيىسى تىك ئۇچار ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، سارھات ۋادىسىدىكى تالىبان نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلغان. لېكىن ئىنسانپەرۋەرلىك ئورگانلىرى سارھات ۋادىسىدىكى يەرلىك پۇقرالارنىڭ قېچىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ب د ت نىڭ ياردەم ئورگىنى ئۇرۇشتىن قاچقان پۇقرالارنىڭ سانى 200 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە 300 مىڭ ئادەمنىڭ مۇساپىرلار قوشۇنىغا قوشۇلۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن پاكىستان ئارمىيىسى بولسا 64 مىڭ مۇساپىرنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. سارھات ۋادىسى بولسا تۆركىستان ئىسلام پارتىيىسى جەڭچىلىرىنىڭ تايانچ بازىسى ئىدى.