پاكىستان قىسىملىرى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە مۇساپىرلار كۆپەيمەكتە

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پاكىستاننىڭ مىنگورادىن خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن پاكىستان قىسىملىرى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جىددىي ئۇرۇشتا خەلق كۆپ زىيانغا ئۇچرىغان.

پىرزۇبار شاھ، سالمان مەسئۇد، كارتوتتا گاللارنىڭ ئىسلامئابادتىن، مارداندىن ۋە كابۇلدىن يوللىغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، جۈمە كۈنى پاكىستان قىسىملىرى پاكىستان پايتەختىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى كەڭ رايونلارنى كونترول قىلىۋالغان تالىبانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان جىددىي جەڭدىن كېيىن، سۋات رايونىدىن يۇرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ جەنۇبقا قاراپ ئېقىۋاتقان مۇساپىرلار سانى 300 مىڭدىن ئاشىدۇ. تالىبانلار ھازىرمۇ پاكىستان پايتەختىگە يېقىن جايدىكى مىنگورا، بۇنەر دېگەن جايلارنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇرتىنى تاشلاپ قاچقان بىر ئايال مۇساپىر مۇخبىرغا 'ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن تالىبانلار ئۆز - ئارا دوست، ئۇلار بىر - بىرىنى ئۆلتۈرمەيدۇ، ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ بومبىسى بىزگە تاغ تەرەپتىن كېلىۋاتىدۇ، تالىبانلارنىڭ ئوقى شەھەر تەرەپتىن كېلىۋاتىدۇ، بىزدە ھازىر جاندىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى' دەپ دەرد ئېيتقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستاندا ھازىر مۇساپىرلار قوشۇنى كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ قېتىم يۇرتلىرىدىن مۇساپىر بولۇپ چىققان 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھازىر، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى يېرىم مىليون مۇساپىرلار سېپىگە قېتىلدى. ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش خادىملىرى ھازىر پاكىستان مۇساپىرلىرىغا بېرىدىغان ياردەمنى ئۈلگۈرتەلمەيۋاتىدۇ.

پاكىستان قىسىملىرىنىڭ گېنېرالى ئاتار ئابباسنىڭ راۋالپىندىدىكى قۇماندانلىق شىتابىدا بايان قىلىشىچە، پاكىستان قىسىملىرى بۇ قېتىمقى جەڭدە تالىبانلاردىن 140نى ئۆلتۈرگەن، پاكىستان ئەسكەرلىرىدىن 7 سى چىقىم بولغان. ئەمما ھازىر بۇ ئۇچۇرنى ئىسپاتلايدىغان يەنە باشقا مەنبەئە يوق.