پاكىستاندىكى قوراللىق توقۇنۇشتا يۇرتىنى تاشلاپ چىققان مۇساپىرلار سانى 360 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن

ئۆتكەن 10 نەچچە كۈن جەرياندا پاكىستاننىڭ سەرھات ۋادىسى قاتارلىق قەبىلە رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇشتا، يۇرتىنى تاشلاپ چىققان مۇساپىرلار سانى 360 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەزكۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى مۇدىرى ئانتونىئو گۇتېررېس، سەرھات ۋادىسىدىن چېكىنىپ چىقىۋاتقان مۇساپىرلار سالمىقى ۋە سۈرئىتىنىڭ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇش تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى سەرھات ۋادىسىدىكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلغان مۇساپىرلارغا 120 توننا ياردەم ئەسلىھەلىرى يەتكۈزىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسلىھەلەر سەئۇدى ئەرەبىستانىغا توپلانغان.

پاكىستاننىڭ سەرھات ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەبىلە رايونىدا 4000 ئەتراپىدا تالىبان قوراللىق كۈچلىرى بارلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە 15 مىڭغا يېقىن پاكىستان ئارمىيىسى مەزكۇر تالىبان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇشماقتا ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 10 نەچچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار جەريانىدا 775 نەپەر تالىبان جەڭچىسى ئۆلتۈرۈلگەن.