پاكىستان تالىبان كۈچلىرىگە قارىتا يەنىمۇ جىددىي ھۇجۇمغا ئۆتتى

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئىسلام ئابادتىن خەۋەر قىلىشغا قارىغاندا، پاكىستان ئارمىيىسى سەيشەنبە كۈنى سەرھات رايونىدا تالىبان كۈچلىرىگە قارىتا يەنىمۇ كەڭ ھۇجۇم باشلىغان.

خەۋەردە پاكىستان ئارمىيىسى باياناتچىسى ئاتار ئابباسنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، پاكىستان قىسىملىرى سەرھات ۋادىسىىدا ئېلىپ بارغان تالىبانلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمدا، ئاساسلىقى ھاۋادىن قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن ئىكەن.

ئابباسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە باشلاتقان ھەربىي ھۇجۇملىرىدا 7000 دىن ئارتۇق تالىبان مىللىتانلىرى ئۆلتۈرۈلگەن. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، پاكىستاننىڭ سەرھات ۋادىسى قاتارلىق ئۇرۇش تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىن مۇساپىر بولغانلار 400 مىڭغا يېقىنلاشقان.

نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى سەرھات رايونىدىكى مۇساپىرلارغا قۇتقۇزۇش، ياردەم بويۇملىرىنى يەتكۈزۈشكە ھەرىكەتلەنمەكتە.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مالىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان قىسىملىرىنىڭ تالىبانلارغا قارشى ھۇجۇمىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرماقچى بولۇپ ھازىرغا قەدەر پاكىستانمۇ 20 ئەسكىرىنى چىقىم تاتقان.

سەرھاتتىكى ئۇرۇش جەريانىدا 296 مىڭ ئادەم ئۆي ‏ - ماكانسىز قالغان، مۇساپىرلار 400 مىڭغا يېقىنلاشقان بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئەڭ جىددىي ۋەزىپىسى مۇشۇ ئۇرۇش مۇساپىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەن.

ئامېرىكا تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، پاكستاندا 2008 - يىلى تالىبانلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇم ھەم پارتلىتىشلاردا 2293 كىشى قازا قىلغان بولۇپ، يەتتە يىلدىن بېرى تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇش دۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، تالىبان كۈچلىرى ئافغانىستان ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى پاكىستان چېگرىسى ئىچىدىكى بەزى رايونلارغىچە كېڭىيىپ پائالىيىتىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.