پاكىستان ئارمىيىسى جەنۇبىي ۋەزىرىستاندا ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

03 مىڭ كىشىلىك پاكىستان ئارمىيىسى جەنۇبىي ۋەزىرىستاننى بازا قىلغان ئەل - قائىدە ۋە تالىبان كۈچلىرىنى يوقىتىش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان قارشى تەرەپنىڭ بازىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش ۋە توپقا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2009.10.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئەنگلىيىدىكى ب ب س ۋە "گۇئاردىئان" مەتبۇئاتىنىڭ پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ ئۇچۇرلىرىغا تايىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى ھۇجۇمىدىلا 60 نەچچە نەپەر قوراللىق پىدائىينى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، پاكىستان قوشۇنلىرىنىڭ يەنىلا تالىبانلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىمۇ خەۋەر قىلىنماقتا. پاكىستان تەرەپ ئۇرۇش رايونىغا مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى تەرەپتىن زادى قانچىلىك چىقىم بولغانلىقى تېخىچە ئېنىق ئەمەس.

ھازىر جەنۇبىي ۋەزىرىستاندىكى كۆپلىگەن ئاھالىلار ئۆز جايلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇنداق ئەھۋال پاكىستاننىڭ بىرىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئوز ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان ئىدى. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت