ئەنگلىيىدىكى ب ب س ۋە "گۇئاردىئان" مەتبۇئاتىنىڭ پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ ئۇچۇرلىرىغا تايىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى ھۇجۇمىدىلا 60 نەچچە نەپەر قوراللىق پىدائىينى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، پاكىستان قوشۇنلىرىنىڭ يەنىلا تالىبانلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىمۇ خەۋەر قىلىنماقتا. پاكىستان تەرەپ ئۇرۇش رايونىغا مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى تەرەپتىن زادى قانچىلىك چىقىم بولغانلىقى تېخىچە ئېنىق ئەمەس.
ھازىر جەنۇبىي ۋەزىرىستاندىكى كۆپلىگەن ئاھالىلار ئۆز جايلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇنداق ئەھۋال پاكىستاننىڭ بىرىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئوز ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان ئىدى.