پاكىستان ئارمىيىسى 12 - ئايغىچە تالىبانلارنى قوغلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇرەشى پاكىستان قوشۇنلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل 12 - ئايغىچە قالدۇق تالىبان كۈچلىرىنى ئافغانىستان - پاكىستان چېگرىسىدىكى جايلاردىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پاكىستان ھەربىي تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن بىر سوتكىدا 24 نەپەر تالىباننى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئىككى پاكىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. ئۇلار يەنە، ئۆزبېك قوراللىق گۇرۇپپلىرىنى ئاساس قىلغان تالىبان ئىستىھكاملىرىنى ئىگىلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

بىراق پاكىستان تەرەپ ئۇرۇش باشلىغاندىن تارتىپ، مۇخبىرلارنىڭ جەڭ بولۇۋاتقان يەرلەرگە كېلىشىنى چەكلىگەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پاكىستان ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي تەرەپنىڭ مەلۇماتلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولغان.

ئالدىنقى ھەپتىلەردە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى تاھىر يولداشنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ يەنىلا گۇمان قوزغىغان ئىدى.