پاكىستان ئاخباراتى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى چېقىلىپ يۆتكىلىش ئالدىدا تۇرماقتا

پاكىستاندىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات قاناللىرىدىن- «سۈبھى» خەۋەرلەر تورىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى بولۇپمۇ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ يۆتكەپ قۇرۇلۇشى ھەققىدە سۈرەتلىك خەۋەر بېرىلدى.

خەۋەردە ئاساسلىق ئاقسۇ تەۋەسىدە چېقىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەھەللىلىرى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ غەربىدە ياشايدىغان مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەردىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىلمىگەن، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى چىقىلىپ يۆتكىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.