پاكىستان ھۆكۈمىتى گۋادار پورتىنى خىتاينىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ماقۇل بولدى

پاكىستان ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە گۋادار پورتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بىر خىتاي شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلغان. مەزكۇر پورتنى بۇرۇن بىر سىنگاپور شىركىتى باشقۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.30

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پاكىستاننىڭ قارارى ھىندىستاننى بىئارام قىلىشى مۇمكىن. پاكىستان ئۇچۇر مىنىستىرى قەمەر زامان كايرانىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان ئىچكى كابىنېتى چارشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ، سىنگاپورنىڭ گۋادار پورتىنى خىتاي چەتئەل پورت چەكلىك شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تەستىقلىغان.

خىتاي ئىلگىرى ئەرەب دېڭىزىغا چىقىدىغان مەزكۇر پورتنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ۋە 250 مىليون دوللارلىق مەزكۇر پورت قۇرۇلۇشىنىڭ 75% مەبلىغىنى چىقارغان.

بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ قەشقەر شەھىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قونجىراپ ئارقىلىق مەزكۇر شەھەرنى گۋادار پورتىغا تاش يول ۋە تۆمۈر يول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە چىقىش پىلانى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. قەمەر زامان كايرا، خىتاينىڭ گۋادار پورتىغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئانالىزچىلار خىتاينىڭ گۋادار پورتىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، خىتاي مەزكۇر پورت ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىتىنى قەشقەرگە يەتكۈزەلەيدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە.

پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇختەر بۇلتۇر 5‏-ئايدا خىتاينىڭ گۋادار پورتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قوشۇلغانلىقى، ئەگەر خىتاي گۋادار ھەربىي بازا قۇرسا، پاكىستان ھۆكۈمىتى«مىننەتدار» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ پاكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇپ، قەبىلىلەر رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي قوراللىق كۈچلىرىگە تاقابىل تۇرۇش پىلانى بار-يوقلۇقى ئىزچىل دىققەت قوزغاپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.