خەلقئارا مەتبۇئاتلار پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىگە دىققەت قىلماقتا

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈپ رازا گىلان 17-ماي كۈنى شاڭخەيگە يېتىپ كېلىپ، خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈپ رازا گىلان بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھەم خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەم رايون ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەسىلىلەر توغرىلىق سۆھبەتلىشىدىكەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تەھلىل قىلىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈپ رازا گىلاننىڭ خىتاي زىيارىتى، ئوساما بىن لادېن ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل شارائىت پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.