خىتاي ھازىر پاكىستاننى ئەيىبلەپ قويغانلىقىنىڭ خەتىرىنى ئازلاتماقچى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاكىستاننى، «تېررورچى ۋە دىنىي ئەسەبىيلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى جەڭچى، خىتاينىڭ ئىشەنچلىك دوستى» دەپ ماختىدى.

بۇ، «قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە، خىتاي ئۆزى پاكىستاننى ئۇيغۇر تېررورچىلارنى تەربىيىلەپ چىققان دەپ ئەيىبلەپ، خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدە پەيدا قىلغان زىددىيەتنىڭ خەتىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تېرىشچانلىقى.

خەلقئارادا ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسىگە باھا بەرگەندە، خىتاينىڭ «پاكىستاندا تەربىيىلەنگەن» دېگەن ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، بۇ، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ زۇلۇمىغا چىدىماي ئىپادىلىگەن غەزەپ، بۇنىڭ چەتئەل بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. شۇنداقلا يەنە، خىتاي-پاكىستان دوستلۇقى تېررورچىلىق قىلىدىغان دوستلۇقمۇ، دەپ سوئال قويغان ئىدى.