پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى كۈرىشىدە تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بىلەن كۆرۈشۈپ، «تېررورلۇق» قا قارشى كۈرەشتە خىتاي بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىشقا ۋەدە بەرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.08.31

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە زەردارىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ پاكىستاندا تەربىيىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز كەم بىر ئايدىن كېيىن بۇ سۆزلەرنى قىلغانلىقىغا دىققەت قىلغان. زەردارى پەيشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان «ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» گە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدى.

«خەلق» گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، زەردارى ئىسلامئابادنىڭ ھەر قانداق تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «پاكىستان خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىشىدۇ ۋە تېررورچى كۈچلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە يەنە جاڭ چۈنشيەننىڭ «تېررورلۇق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز پاكىستاننىڭ بۇ مەسىلىدە بىزنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى زەردارىنى سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن تەنقىدلەپ، پاكىستاننى خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت پاكىستاننىڭ بۇ مەسىلىدە پۇرسەتپەرەسلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا خىتايغا ھەمكارلىشىۋاتقان بىلەن، كەشمىردە ھىندىستانغا قارشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللاۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

پاكىستان قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى»دىن كېيىن بەش ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.