پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

23 - مارت كۈنى پاكىستاننىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدۇر. پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ھەم دۆلەت بايرىمى ھەم نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ، تۈنۈگۈن دالا سەيلىسى ئۇيۇشتۇرغان.

2010.03.23

پائالىيەتكە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بولۇپ 45 كىشى قاتناشقان. دالا سەيلىسى پاكىستان پايتەختى ئىسلامابادتىكى جىنناھ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېقىنلىق سەۋەبلىك، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلمەكتە؛. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا پاكىستاندىكى يەرلىك دائىرىلەر ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. گەرچە تەكشۈرۈش نورمال قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ۋە ھەر قانداق بىر زورلۇق ۋە قوپاللىق ھەرىكەتلىرى سادىر بولمىغان بولسىمۇ، تەكشۈرۈشنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تاپشۇرۇقى ياكى ئىلتىماسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. چۈنكى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى مەدەنى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىمۇ پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ بۇ قېتىمقى دالا سەيلىسى پائالىيىتى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئەنە شۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشىدىن ئىككى ھەپتە كېيىن ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.