ئىسلام - ئاباد شەھىرىدىكى مارىيوت مېھمانخانىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام شەھىرىدىكى مارىيوت مېھمانخانىسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 34 كىشى ئۆلگەن 200 ئادەم يارىلانغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئاساسلىق قىسمى، مىھمانخانا ئالدىدا مۇشتىرى ساقلاپ تۇرغان تاكىسى شوپۇرلىرى، مىھمانخانا قوغدىغۇچىلىرى ۋە خىزمەتچىلەر ئىكەن. پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە نىڭ ئىپتار ۋاقتىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رېھمان مالىكنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئىككى كۈن بۇرۇن بىر ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر تەھدىت ئالغان بولۇپ، بۇنداق بىر ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.

پاكىستاننىڭ يېڭى سايلانغان پرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارى مارىيوت مېھمانخانىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن پاكىستان پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، پاكىستاندا تېررورچىلىقنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى بۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلىپ مەزكۇر ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە بۇنداق ھۇجۇملار ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىرادىسىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، دەپ كۆرسەتتى.