پاكىستاندىكى پارتلاشتا 100 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

چارشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پىشاۋەر شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن شىددەتلىك پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 105 كە چىقتى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپى بالىلار ۋە ئاياللار ئىكەن. بۇ قېتىملىق پارتلاشتا يەنە 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ پىشاۋەردىكى بىر بازاردا پارتلىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن بۇ شىددەتلىك پارتلاشتا ئەتراپتىكى بىنالارنىڭ پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، يەنە نۇرغۇن بىنالارغا ئوت كەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

پارتلاش مەيدانغا كەلگەندە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون ئىسلامئابادتا پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ ماھمۇد كۇرەيىش بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان ئىدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون بۇ پارتلىتىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە پاكىستاننىڭ تېررور بىلەن مۇجادىلىدە يالغۇز ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ھىللارىي كىلىنتون ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان بىلەن يالغۇز تېررورغا قارشى كۈرەشتىلا ئەمەس، ھەر ساھەدە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ پاكىستاننىڭ ئاساسىي قۇرۇۈلۇشىغا ۋە مائارىپ - ئېنېرگىيە ساھەلىرىگىمۇ ئىقتىسادىي ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پاكىستان ئارمىيىسى كېيىنكى كۈنلەردە جەنۇبىي ۋېزىرىستاندا تالىبان كۈچلىرىگە قارشى قاتتىق تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پاكىستاندا بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ سانى ئارتقان ئىدى.

ئىسلامئابادتىن 3 سائەت ئۇزاقلىقتا بولغان پىشاۋەردا مەيدانغا كەلگەن بۇ ھۇجۇمنى تېخى ھېچقانداق تەشكىلات ۋە شەخىس ئۈستىگە ئالمىدى.