پاكىستاندا خىتاي ئىنژېنېر ھەم ئىشچىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

ھىندىستان تېز خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ 22 - نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، 22 - نويابىر كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىكى بېلوچىستان رايونىدا شۇ جايدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرىغا راكېتا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە 2 خىتاي ئىنژېنېرى ھەم 3 خىتاي ئىشچىسى پارتلاپ ئۆلگەن، 11 كىشى يارىلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، پاكىستان دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇمنىڭ پاكىستاندىكى خىتايغا قارشى تالىبانلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۈگۈن چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ بۇ خەۋەر خەلقئارادىكى كۆپلىگەن خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ئاۋازى تور بېكىتىمۇ بۇ خەۋەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتتى. ئۇيغۇر ئاۋازى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە بۈگۈن پاكىستاندا يۈز بەرگەن خىتاي ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن « پاكىستاندا خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام تەشكىلاتى» نىڭ تالىبانلار ئارىسىدىكى ئادەملىرى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.