قارار لايىھىسىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەگەر گاۋ جىشىڭنىڭ خالىسا، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا ئايالى ۋە بالا-چاقىلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇش تەلەپ قىلىنغان. گاۋ جىشىڭ ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋە فالۇنگوڭچىلار مۇرىتلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىپ نام چىقارغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2005-يىلدىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىق كىنىشكىسىنى بىكار قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان، تەن جازاسى ۋە ھەرخىل قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان ئىدى.
دائىرىلەر 2011-يىلى 12-ئايدا ئۇنىڭغا بېرىلگەن 3 يىللىق قاماق جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ كۇچادىكى بىر تۈرمىگە قامالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك شۇئان» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، گاۋ جىشىڭنىڭ خەلقئارا قانۇن مەسلىھەتچىسى جەرىت گېنسېر پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، باربارا بوكس ۋە جون كورنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان قارار لايىھىسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ، گاۋ جىشىڭنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. جەرىت گېنسېر باياناتىدا ئەسكەرتىپ: بۇ قارار لايىھىسى گاۋ جىشىڭنى بىر ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىدە خىتايدىكى مەزلۇملارغا خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالاشنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق، دەپ كۆرسەتكەن.