گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار پات يېقىندا پالاۋغا ئورۇنلىشىدۇ

گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 13 ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسىمى تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋغا قوبۇل قىلىنىپ، 1 - ئايدىن بۇرۇن بۇ دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن.

بۇ ئۇچۇرنى پالاۋ پرېزىدېنتى جوھنسون تورىبىئوڭ ئۆزى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەنبە كۈنى مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرۈشىچە، گۇئانتانامودىكى 13 ئۇيغۇرنىڭ 4 تىن 9 غىچە بولغان قىسىمى كېلەر يىلى يانۋاردىن بۇرۇن پالاۋغا يەتكۈزىلىدىكەن، بىراق، مەزكۇر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى بولسا ئۇلارنىڭ بەلكى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى 9 - ئاينىڭ بەشىدا پالاۋغا يەتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

پالاۋ پرېزىدېنتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، پالاۋنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

گۇئانتانامودىكى 17 ئۇيغۇرنىڭ تۆت نەپىرى نوۋەتتە، ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېرمۇدا دۆلىتىدە تۇرماقتا، يېقىندا ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. پالاۋ پرېزىدېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قالغان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.