ئۇلارنىڭ بىرى ياپونىيىنىڭ كيوتو ئاگېنتلىقىغا ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا، «بىز بۇ يەردە يەنە قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىتلىق تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەكچىمىز، بىراق بۇ ھەقتە ھېچقانداق جاۋاب يوق ھەم ھېچكىممۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ» دەپ يازغان.
مەزكۇر ئۇيغۇر يەنە ئۆزلىرىنىڭ باشقا دۆلەتكە كېتىپ ياشاش ھەققىدىكى تەلىپىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ياپونىيە ئىقتىسادىي خەۋەرلىرى» نىڭ يېزىشىچە، 3-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئېلخەت ئارقىلىق كىيوتو خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقىغا، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دائىملىق تۇرۇشى ئۈچۈن ئورۇن تېپىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېنىق ۋاقىت مۆھلىتى بېرىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
پالاۋدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى باشتىلا ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى ئېنىق بولۇپ، ھەتتا پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبوڭمۇ ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
گۇئەنتانامودىكى 22 ئۇيغۇرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئالبانىيە، بېرمۇدا، شۋېتسارىيە، پالاۋ ۋە ئەل-سالۋادور قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەمما، خىتاينىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپى ئىزچىل بولسىمۇ، بىراق بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان.