پرېزىدېنت تورىبئوڭ پالاۋغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى دالا سەيلىسىگە ئېلىپ چىقماقچى

گۈەنتانامودىن پالاۋغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار پالاۋ خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە پالاۋدا يېڭى ھايات باشلاشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەشتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر ياش ئابدۇلغاپپار: "بىزنى مېھرىبانلىق بىلەن كۈتۈۋېلىپ، بىزگە ماكان بەرگەن پالاۋ پرېزىدېنتى ۋە خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز" دېدى.

ئۇ يەنە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردە يېڭى ھايات باشلاشقا يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: "بىز ئىنگلىزچە ئۆگىنىپ، خىزمەت تېپىپ، بۇ گۈزەل دۆلەتتە يېڭى ھاياتىمىزنى باشلايمىز" دېدى.

گۈەنتانامودا بىگۇناھ ھالدا 8 يىلغا يېقىن قامالغان بۇ 6 نەپەر ئۇيغۇر 1 - نويابىر يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا مەخپىي ھەربىي ئايروپىلانىدا پالاۋغا ئېلىپ كېلىنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبئوڭ ئۇلارنى مەخسۇس ئۆزى كۈتۈۋالغان. بۈگۈن ئىگىلىگەن خەۋەرگە قارىغاندا، پالاۋ پرېزىدېنتى تورىبئوڭ چارشەنبە كۈنى بۇ ئۇيغۇرلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنى مەخسۇس پالاۋدىكى ئەڭ داڭلىق ساياھەت ئورنىغا دالا سەيلىسىگە ئېلىپ چىقىدىكەن.

گۈەنتاناموغا جەمئىي 22 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلاردىن يەنە 7 نەپىرى مەزكۇر تۈرمىدە قويۇپ بېرىلىشنى كۈتمەكتە.