پالاۋ پرېزىدېنتى گۈەنتانامودىكى قالغان 5 ئۇيغۇرنىمۇ قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

پالاۋ پرېزىدېنتى Johnson Toribong تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە گۇەنتانامودا قېپقالغان 5 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىمۇ پالاۋغا قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پالاۋ ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا ئادىل نۇرى، ئەلى مۇھەممەد، ئابدۇغاپپار قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم شۋېتسارىيە 2 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گۇەنتانامودا يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ھەل قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى.

پالاۋ پرېزىدېنتىنىڭ بۇندىن ئاۋۋالقى بىر قانچە قېتىملىق سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پالاۋغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان 6 نەپەر ئۇيغۇر، ئەتراپىدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇلار يېڭى قوبۇل قىلىنغاندا، پالاۋنىڭ سىياسەت سەھنىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر قىسىم ئۆكتىچى پىكىرلەرمۇ تېزدىن بېسىققان.

پالاۋ پرېزىدېنتى تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارغا ھازىرغىچە 3 - بىر دۆلەتتىن قوبۇل قىلىش ھەققىدە تەكلىپ كەلمىگەنلىكىنى، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پالاۋدا ئۆزلىرى خالىغانغا قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پالاۋ ئاساسىي قانۇنى كۆچمەنلەرنىڭ ۋەتەنداش بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقى ئۈچۈن، پالاۋغا ئۇيغۇرلار ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. گۈەنتانامو تۈرمىسى تاقىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.