پالاۋغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشنى ئويلاشماقتا

ئۆتكەن يىلى نويابىردا گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ پالاۋغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىدىغان دۆلەت كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.06.14

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، ئادىل نۇرى "بىز پرېزىدېنت جونسون تورىبئوڭدىن پالاۋدىن كېتىشىمىزگە ياردەم تەلەپ قىلىۋاتىمىز. بىز بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئۇنىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پالاۋغا يەرلەشتۈرۈلگەن 6 ئۇيغۇرنىڭ بىر نەچچىسى يېقىندا ئۆيلەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەدھەم مەمەت ئاۋسترالىيىدە تۇرۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن توي قىلغان. مەزكۇر ئايالنىڭ ئىككى بالىسى بار بولۇپ، ئىلگىرىكى يولدىشى سۇغا چۆكۈپ كېتىپ قازا قىلغان ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئابدۇلغاپپار ئابدۇراخمان ئۆتكەن ھەپتە پالاۋغا مەخسۇس ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا كەلگەن يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن توي قىلغان.

بۇ ئالتە ئۇيغۇرنىڭ پالاۋغا كەلگىنىگە 7 ئاي بولۇپ قالدى. ئۇلار باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولسىمۇ، پالاۋ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن يەنىلا بەك مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پالاۋ جۇمھۇرىيىتى ئۇلارنى پەقەت ۋاقىتلىق ماكان بىلەن تەمىنلەش شەرتى بىلەن قوبۇل قىلغان ئىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ھازىر بۇ ئۇيغۇرلار پالاۋدا كۈنىگە 6 سائەتتىن ھەپتىسىگە بەش كۈن ئىنگلىزچە ئۆگەنمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.