ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پالاۋ دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ۋېكتور يانو ئۇيغۇرلاردىن 3 كىشىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسى ئاۋسترالىيىنىڭ فىجىدىكى ئالىي كومىسارىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋېكتور يانو «ئۇلارنىڭ تېزرەك قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار 2009-يىلى مەزكۇر دۆلەتكە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 11-ئاي كەلسە ئۇلارغا 2 يىل بولىدۇ.
لېكىن ئۇلارنىڭ پالاۋدا يەنە قانچىلىك ياشايدىغانلىقى ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. يانو ۋىكتورنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى ئۇنىڭغا يۇقىرىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى كۆرۈپ چىقىشقا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە باش ئەلچىسى سۇزان كوكسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ «ۋىزا ئىلتىماسى ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىن ئۆتىدىكەن ۋە بۇنىڭغا 10 ئايدىن بىر يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىكەن.»
پالاۋ ئامېرىكىنىڭ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى قوبۇل قىلىپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن 6 كىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. پالاۋغا بېرىشنى رەت قىلغان ئۇيغۇرلاردىن قالغان 5 كىشى نۆۋەتتە گۈەنتانامودىكى لاگىردا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
ئۇلار ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاقلانغان بولسىمۇ، لېكىن داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 4-ئايدا قارار چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى رەت قىلغان.
ۋېكتور يانو، نۆۋەتتە پالاۋنىڭ ئۇلارغا خىزمەت تېپىپ بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.