پالاۋنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغانلىق سەۋەبىدىن خىتاي پالاۋغا قاراتقان ياردەمنى توختاتقان

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پالاۋنىڭ، 2009-يىلى 11-ئايدا گۋەنتانامودىكى 6 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، پالاۋغا قاراتقان ياردەمنى توختاتقان.

پالاۋ تىنچ ئوكياندىكى 20 مىڭ نوپۇسقا ئىگە ئارال دۆلىتى بولۇپ، دۆلەت كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمى ساياھەتچىلىكتىن كېلىدۇ. پالاۋ پرېزىدېنتى تورىبئوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۋەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى پالاۋدا 100 ئېغىزلىق 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالغان بولۇپ، 2009-يىلى پالاۋ گۋەنتانامودىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «گۇناھسىز» دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى پالاۋنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىغا قارشى تۇرغان.

2009-يىلى 11-ئايدا 6 نەپەر ئۇيغۇر پالاۋغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، خىتاي پالاۋدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مېھمانخانا قۇرۇلۇشىنى توختىتىش بىلەن بىللە پالاۋغا قارىتىلغان بارلىق ئىقتىسادىي مەبلەغنىمۇ توختاتقان.

2001-يىلىدىن بۇيان 22 نەپەر ئۇيغۇر گۇەنتاناموغا قامالغان بولۇپ، كېيىن بۇ ئۇيغۇرلار «گۇناھسىز» دەپ ئاقلانغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇۋېلىش تەلىپى رەت قىلىپ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان.

ھازىر بۇ ئۇيغۇرلاردىن 17 نەپىرى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان بولۇپ، يەنە 5 نەپىرى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ساقلاپ تۇرماقتا.