«تەڭرىتاغ تورى» دا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، پامىر ياسىن مىرزاھىدنىڭ ساقچىخانىدىكى سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرنى «شىنلاڭ» تورىنىڭ مىكروبلوگ بېتىگە چاپلىغان ئىكەن.
بىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا 12 ياشلىق مىرزاھىد ئامانۇللا بۇ يىل 20-ماي كورلىدىكى بىر موللامنىڭ ئۆيىدە قۇرئاندىن تەلىم ئېلىۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە خىتاي ساقچىلىرى مىرزاھىدنىڭ شاياردىكى ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ 21-ماي كۈنى ساقچىخانىدا «بېشىنى تامغا ئۈسۈپ ئۆلۈۋالغان» لىقىنى خەۋەر قىلغان ۋە جەسەتنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخباراتى پامىر ياسىننىڭ «ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقىنى، ئەسلىدە مىرزاھىدنىڭ قۇرئان يادلاش تاپشۇرۇقىنى ۋاقتىدا تاماملىمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇدەررىسنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە باشقا تالىپلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرۇلغانلىقى، كېيىن مىرزاھىدنىڭ مۇدەررىس دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان يولدا قازا قىلغانلىقى»نى خەۋەر قىلغان.
بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت :«ئەسلى ئۆسەك سۆز تارقىتىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى. ئۇلار 12 ياشلىق ئۆسمۈرنىمۇ ئايرىپ قويماي ساقچىخانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشتەك جىنايى قىلمىشىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىپ، قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنماقتا» دېدى.
مىرازاھىدنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرلەر رادىئومىزدا قايتا-قايتا دەلىللەنگەندىن كېيىن ئاندىن بېرىلگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ساقچىلىرى ھەتتا مىرازاھىدنىڭ ئانىسىغا ۋەقەنى داۋراڭ سالماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن ۋە بالىنىڭ جەسىتىنى مەجبۇرىي يەرلىككە قويدۇرۇۋەتكەن.