ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا تۈركىيىگە باردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا تۈركىيىگە باردى. ئۇنىڭ تۈركىيىگە كېلىشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھتى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان تۈركىيىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى سۈرىيە بومبىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.


لېئون پانېتتا ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە - سۈرىيە چېگراسىغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيە - سۈرىيە چېگراسىغا ئەسكەر يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىن باشقا يەنە گوللاندىيە ۋە گېرمانىيىمۇ نۆۋەتتە تۈركىيىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى يۆتكەشنى قارا قىلغان.

پانېتتانىڭ تۈركىيىگە قاراتقان زىيارىتى ئالدىن پىلانلانمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۈركىيىدە قانداق ئۇچرىشىشلاردا بولىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.