2010-يىللىق ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2020-يىلىغىچە ئىلغار ھەربىي قوراللار بىلەن قوراللىنىپ بولۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا ئالاقىدار بارلىق ساھەلەر ئىنچىكە تەكشۈرۈلۈپ، مۇلاھىزە قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسىدىكى غايەت زور ئارتىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئۇنىڭدا خىتاينىڭ يەنە، 2010-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مۇھىم ئورگانلارنىڭ ئۇچۇر سىستېمىلىرىغا قىلىنغان خاككىرلىق ھۇجۇملىرىنىڭ مەنبەسى بولۇش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بۇ دوكلاتقا قارىتا تېخى رەسمىي بىر جاۋاب كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى پەنتاگوننىڭ دوكلاتىغا قارشى ماقالە ئېلان قىلغان.
ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم «خىتاي تەھدىتى» دىن ئىبارەت بىر ئۇقۇمنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شىنخۇا بۇ ھەقتە «ئىقتىسادىي تەسىرى، ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرى توختىماي ئۆرلەۋاتقان خىتاي دۆلىتى رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر ئارمىيىگە ئىگە بولۇشقا تامامەن ھوقۇقلۇق» دېگەن.
پەنتاگوننىڭ دوكلاتىدا ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ 2010-يىللىق ھەربىي راسخوتى 160 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
