مەزكۇر خەۋەر بۇ ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى قىلىۋاتقان ۋېيتنام، مالايشىيا ۋە تەيۋەن قاتارلىقلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي گېزىتى ھېسابلىنىدىغان خەلق گېزىتى دەرھال خەۋەر تارقىتىپ، يۇقىرىدىكى ئۇچۇرنى ئىنكار قىلغان. خەيكۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېڭ شياۋگاڭ بولسا، بۇ قېتىم خەلق گېزىتىگە «مېنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىم يوق، مەن خەينەن ساياھەتچىلىك ئىدارىسىدە ئىشلىمەيمەن» دەپ بايانات بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللارنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن زىددىيەتلىشىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا جەنۇبىي دېڭىزدا نېفىت چارلىشى ۋە ۋېتنام، فىلىپپىلارنىڭ پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، زوراۋانلارچە پوزىتسىيىدە بولۇشى بۇ ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇقى كۈرىشى قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنى قاتتىق نارازى قىلماقتا. ئۇلار خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەر ساھە ھەمكارلىقىنى ئاشۇردى.