فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە نامايىشچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بۇنى توختىتىش ئۈچۈن دۇنيا جاماەتچىلىكىگە مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نامايىشچىلار قوللىرىدا، " ئۇيغۇرلارنى ئولتۇرۇشنى توختات"، " ئۇيغۇرلارغا ئادالەت كېرەك" دېگەندەك شوارلار يېزىلغان ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۈرتتى چۈشۈرۈلگەن تاختىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىشقا چىققان.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يۇسۇپ ئەكبەر : "خەلقئارا جەمئىيىتى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ باستۇرۇشلارنى توختىتىش كېرەك" دېگەن.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ 1949 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكنى بۇنى توختىشى لازىملىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى قاتتىق بېسىقتۇرۇلغاندىن كىيىن دۇنيا خاراكتېرلىك نارازىلىق قوزغىغان ۋە ئۇيغۇرلار جۈملىدىن باشقا دۆلەت خەلقلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋج ئالغان ئىدى.