ھىلارىي كلىنتون پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن ئىران مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىشىش سەپىرىگە ئاتلاندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان.

ئۇ بىر قانچە كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا ئىلگىرى كېيىن ئومان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بدت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا نىسبەتەن يەنە قاتتىق ئېمبارگو قوللىنىشى مەسىلىسىدە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ھىلارىي كلىنتون بۇ سەپەر ئارقىلىق پارس قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەرگە كېلەر ھەپتىدە ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىغان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئائىت يىغىننىڭ ئەھۋالى ھەمدە بۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى چۈشەندۈرمەكچى ئىكەن.

بۇ ئارىدا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ، تۈركىيىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئىران ئارىسىدىكى يادرو سۆھبىتىگە ساھىبخانىلىق قىلىدىغانلىقى، بۇ سۆھبەتنىڭ 21- يانۋار كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندىن بۇيان تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.