تىزىملىكتە جەمئىي 87 نەپەر نامزاتنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە بولغۇسى خىزمەت ئورنى ۋە ۋەزىپىسى كۆرسىتىلگەن. 87 نەپەر پارتكوم سېكرېتار نامزاتى ئارىسىدا پەقەت بىر نەپەر ئۇيغۇر ۋە بىر نەپەر قازاق نامزات بار بولۇپ، قالغانلىرى پۈتۈنلەي خىتاي مىللىتىدىن كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر نامزات تۇردى ناسىر خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن چارلىغۇچىلىققا، قازاق نامزات مۇقاي جارقىنبېك رايونلۇق يېزا ئىگىلىك تەتقىقات ئورنى پارتكومىنىڭ ھەيئەتلىكىگە كۆرسىتىلگەن. شەھەر ۋە ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارلىقىغا پۈتۈنلەي خىتاي نامزاتلار كۆرسىتىلگەن.
خىتاي 2009-يىلى شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ ، ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان ئىلگىرىكى تەڭسىز سىياسەتلىرىنى تۈزىتىدىغانلىقى ھەققىدە شەپە بەرگەن ئىدى.
ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى رەھبەرلىك نامزاتلىرى ئارىسىدا پەقەت بىرلا ئۇيغۇرغا ئورۇن بېرىلىشى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىنىڭ يەنىلا پۈتۈنلەي خىتاي مىللىتىنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقى، خىتاينىڭ يەرلىك خەلقنى ھاكىمىيەت بېشىغا يولاتماسلىقتەك ئەنئەنىسىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنىڭ ئاشكارا خىتابنامىسى دەپ قارالماقتا.