شىنخۇا تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىلگەن 7-تۈركۈم كادىرلار بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 3700 كىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىغا ئەۋەتىلىپ بولغان. ئۇلار بارغان جايلىرىدا يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپلەرگە ئېرىشىدىكەن.
شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلىۋاتقان ئاتالمىش «ئىختىساسلىق خادىملار» نامىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىققا سەۋەب بولماقتا.
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ قايتا-قايتا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتىنى يەنىلا داۋام قىلماقتا.
پەيشەنبە كۈنى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قوش تىل» مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جېجياڭ ئۆلكىسىدىن ئىككىنچى تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يەنى، جەمئىي 61 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچى مۇراسىم بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە ئۇزىتىپ قويۇلغان.
