مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2006-يىلدىن باشلاپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىغا يازلىق لاگېر نامىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقى پائالىيەتكە «پارتىيىنىڭ ياخشى بالىسى» بولۇش شوئارى قېتىلغان.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ رايوندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇ خىل مەجبۇرىي سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلاردا بىزار بولۇش، نارازىلىق كەيپىياتى بارغانچە كۈچەيمەكتە ئىكەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر رايوندا تەكىتلىنىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە كىنايە قىلىپ، «بۇ يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئەگەر مىللەتلەر ئىتتىپاق بولمىساق ئېتىلىپ كېتىمىز» دېگەن ئىدى.