ئۈرۈمچىدە 'ئايروپىلان پارتلايدۇ' دەپ يالغان خەۋەر تارقاتقان جاۋابكارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

ئۈرۈمچىدىكى بىر سوت 11 - نويابىر سوت ئېچىپ، "ئايروپىلان پارتلايدۇ" دەپ، يالغان خەۋەر تارقىتىپ، ساراسىمە پەيدا قىلغان ما فامىلىلىك جاۋابكارنى بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18 - نويابىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، سوت ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق سوتتا ئېچىغان. مەلۇم بولۇشىچە، جاۋابكار ما يىڭباۋ، بۇ يىل 11 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدىن كۈنمىڭگە قاراپ يولغا چىققان B 737 - تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى " پارتلاپ كېتىدۇ" دەپ، گەپ تارقاتقان ۋە ئايروپىلاندا جىددىي ساراسىمە پەيدا قىلغان ئىكەن.

خىتاي مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىن، ئايروپىلانى قوندۇرۇپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە خەۋەرنىڭ يالغانلىقى ئىسپاتلانغان.

ھالبۇكى، بۇ يىل 11 - ئاۋغۇست خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر بېرىلمىگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاخباراتىدا 18 - نويابىر بېرىلگەن خەۋەردىمۇ، ئايروپىلاننىڭ قايسى شەھەرگە قوندۇرۇلغانلىقى، قانداق تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقى، ما يىڭباۋنىڭ قانداق قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كىملىكى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 19 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ، 2008 - يىل مارتتا ئۈرۈمچىدىن خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇپ، مەغلۇپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەمما، ئۇلار بۇ قىزنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىنى ئاخباراتتىن يوشۇرغان.