ئالىمجان قۇرباننىڭ ھاۋا ئارقىلىق ماتورنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كەشپىياتى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى

ئۇيغۇرچە ئانا تۇپراق توربېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى ھەۋەسكار كەشپىياتچى ئالىمجان قۇرباننىڭ ھاۋا ئارقىلىق ماتورنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كەشپىياتى، يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ئالىمجان ياراتقان كەشپىيات ئومۇملاشقان تەقدىردە، دۇنيانىڭ 50 يىلدىن كېيىنكى ئېھتىياج ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقان ئېنېرگىيە قايغۇسى ھەل بولغان بولىدۇ. شۇنداقلا مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىمۇ سەكرەش خاراكتېرلىك قەدەم بېسىلغان بولىدۇ.

يەنە خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالىمجان مەزكۇر كەشپىياتىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىپ 10 كۈندىن كېيىن ئامېرىكا، 15 كۈندىن كېيىن فرانسىيە ئوخشاش پاتېنتقا ئىلتىماس قىلغان. ئەمما ئالىمجاننىڭ ئىلتىماسى بالدۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، پاتېنت ھوقۇقى ئۇنىڭغا تەئەللۇقتۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالىمجان قۇرباننىڭ يەنە 10خىلغا يېقىن كەشپىياتى بار بولۇپ، ئۇ قالغانلىرىغىمۇ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس سۇنماقچى.

بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن ئالىمجان قۇربان يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ سىيەك يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، غۇلجا جېلىليۈزىدە چوڭ بولغان، ئۇ نۆۋەتتە يەنە يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزىسىدا ياشاۋاتىدۇ.

جەمئىيەتتە ھازىرغا قەدەر ھەۋەسكار كەشپىياتچى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئالىمجان قۇرباننىڭ يېقىن كەلگۈسىدە مەشھۇر كەشپىياتچى بولۇپ تونۇلۇش ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە زور شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى نۆۋەتتە ئۇيغۇر تورلىرىدا قىزىق تېمىغا ئايلانماقتا.