پاتىگۈل غۇلامنىڭ سۈرىيىدىكى ئانىلارغا خىتابەن سۆزلىرى ئەرەب خەۋەرلىرىدە ئېلان قىلىندى

غايىب ئوغلى ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇشەققەتلىك يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پاتىگۈل غۇلام، ئۆتكەن ئايدا رادىئومىز ئارقىلىق سۈرىيە ۋە پەلەستىندىكى ئانىلارغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى سەۋر قىلىشقا ۋە تېخىمۇ غەيرەتلىك بولۇشقا چاقىرغان ئىدى.

ئۇ بۇ چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۆزى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆلۈكىگىمۇ، تىرىكىگىمۇ ئىگە بولالمايۋاتقانلىقىنى، يەنى ھازىرغىچە نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، سۈرىيىدىكى ئانىلارنىڭ ئۇيغۇر ئانىلارغا نىسبەتەن بەختلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

پاتىگۈل غۇلام سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ سۈرىيىدىكى ئانىلاردەك، پەرزەنتىنىڭ جەسىتىنى باغرىغا بېسىش ۋە ھازا ئېچىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە ئەمەسلىكىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ جەسىتىنى سورىغانلىقى ئۈچۈن نەزەربەند قىلىنىۋاتقان ۋە قاماق جازاسى بېرىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

ئۆتكەن جۈمە ئەرەب خەۋەرلىرى تورىدا، پاتىگۈلنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئەرەب خەۋەرلىرى تورى، ياۋروپادىكى ئەرەبلەر تەرىپىدىن چىقىرىلىۋاتقان خەۋەر تورى بولۇپ، ئۇ ئەرەب دۇنياسىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك نوپۇز ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە.