«خىتايدىكى يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولىدىغان تەسىرى» ناملىق بۇ يىغىن، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 9 دا باشلىنىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە ئاخىرلاشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزى بىلەن باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە، باۋارىيە پارلامېنتىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار ۋە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىرىمۇ سۆز قىلدى.
يىغىندا ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
يىغىن ئاخىرىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە مەزكۇر يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىنمۇ قاتناشتى ۋە «خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.