گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پەيزىۋات ناھىيىسىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى قىلماقچى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردەم بېرىش نىشانى قىلىپ بېرىلگەندىن بۇيان مەزكۇر ئۆلكە پەيزىۋات ناھىيىسىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قىلماقتا. شىنخۇانىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ پاختا تېرىشقا قۇلايلىق شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ناھىيىنى ئۆزىنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق سانائىتىدىكى مۇھىم خام ئەشيا بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى توقۇمىچىلىق شىركىتى ھېسابلىنىدىغان "گۇاڭشىڭ" تاشقى سودا چەكلىك شىركەتلەر گۇرۇھى ۋە گۇاڭدۇڭ "سۈيخۇا" كىيىم- كېچەك ۋە توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى پەيزىۋات ناھىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئۈچ تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىدا يىلىغا 200 مىڭ تاي يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ئۇنى يۆتكەش مەركىزى قۇرۇشقا توختاملاشقان..

مەزكۇر پىلان لايىھىسىگە 650 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 3000 مودىن ئارتۇق يەر ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. دەسلەپتە 100 مىڭ تاي پاختا تەييارلاش پىلانى 2011 - يىلىدىن باشلىنىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پەيزىۋاتتا قۇرماقچى بولغان مەزكۇر بازا جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ پاختىكارلىق، تەتقىق قىلىش ۋە يۆتكەش مەركىزى بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى ئۈچۈن پايدىلىق رول ئوينايدىكەن. بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بەش قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنى قەشقەرگە ئەۋەتىپ، بۇ رايوننىڭ پاختا تېرىش ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە ئاخىرىدا پەيزىۋاتنى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئەڭ چوڭ پاختىكارلىق بازىسى قىلىشنى قارار قىلغان ئىكەن.