پاي بازىرى گۇرۇھىنىڭ بۇ تەكشۈرۈشى، ئامېرىكىنىڭ «دۆلەت سىرتىدىكى پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلماقتا.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادىي كرىزىسقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى لاس ۋېگاس قىمارخانىسىنىڭ تىجارىتى، خىتاينىڭ قۇم ئالتۇن گۇرۇھى دەپ ئاتىلىدىغان ماكاۋ شۆبىسىگە كۆچكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قىمارخانىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا چېتىلىدىغان پارىخورلۇق مەسىلىلىرىگە دائىر گۇمانلىق سانلىق ئۇچۇرلار سېزىلىشكە باشلىغان ئىدى.