ئادىل نۇرنىڭ بۇ سۆزلىرى ياپونىيە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك كۆچۈرۈپ بېسىلدى. بۇ خەۋەر ياپونىيىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا توغرا كەلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي جۈمە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى «خىتايغا قارشى بۆلگۈنچى»، ۋە «تېررورچىلار بىلەن نۇرغۇن ئالاقىسى بار تەشكىلات» دەپ ئاتىغا ئىدى.
خۆڭ لېي بۇ سۆزلەرنى ياپونىيىنىڭ ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرگەنلىكىگە قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندە ئوتتۇرىغا قويغان.
ئادىل نۇر «كيۇدو» ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىنى 60 نەچچە يىل بۇرۇن بېسىۋالغانلىقى ۋە شۇندىن ئېتىبارەن خەلقىنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە ئادىل نۇر مۇنداق دېگەن: ۋەتىنىمگە باستۇرۇپ كىرىڭ بىر، ئىگىلەڭ ئىككى، باشقا مىللەتچى قېرىنداشلىرىمىزنى ئولتۇرۇڭ ئۈچ، ئاخىردا يەنە بىزنى تېررورچى دەڭ؟ ئەلۋەتتە خىتاي تېررورچى-دە. ئۇلار دۆلىتىمىزگە سىرتتىن باستۇرۇپ كىردى ۋە بۇ زېمىن ئىگىسى بولغان بىزلەرنى سىقىپ چىقاردى.
ئادىل نۇر 2009-يىلى گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 6 ئۇيغۇرنىڭ بىرى. ئۇ شۇندىن بېرى پالاۋدا ياشىماقتا.