ئىسرائىلىيىلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەر يەنە توقۇنۇشتى

يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ دىنىي بايرىمى باشلىنىش ھارپىسىدا يېرۇسسالىم شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى بىر دىنىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىدىغان جايدا پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيىلىكلەر ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار ئوخشاشلا ئۇلۇغلايدىغان جاي ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپ، 150 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ بۇ يەردە يەھۇدىيلارغا تاش ئاتقانلىقى ۋە ئىككى ساقچى ھەم بىر پەلەستىنلىكىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئەمما، بۇ كىچىك كۆلەمدىكى توقۇنۇشنىڭ جەريانى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى يەھۇدىيلارنىڭ بۇ يىلقى 24 سائەتلىك روزا تۇتۇش بايرىمى يېتىپ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرىلارنى تاقىشى ئىكەن.

بۇ پائالىيەت يەكشەنبە كۈنى كەچتە باشلىنىدۇ ھەمدە دۈشەنبە كۈنى تولۇق بىر كۈن داۋاملىشىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىلىيە تەرەپ ئىسرائىلىيە بىلەن ئىئوردان دەرياسى چېگرىسىنى تاقىغان بولۇپ، بۇ قارار پەلەستىنلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىكەن.