ئىسرائىلىيە غەززەگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىدى

بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىنى كەڭ كۆلەمدە توپقا تۇتقاندىن كېيىن، شەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن پىيادە قىسىملىرىنى كىرگۈزۈپ، غەززە رايونىنى قورشاۋغا ئالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.01.04

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى بىلەن خاماس قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا دەسلەپكى ئېتىشىشلار يۈز بەرگەن بولۇپ، خاماس تەرەپ، 30 نەچچە ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى يارىدار قىلغان، ئۇلار ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيە تەرەپ ئۆز ئەسكىرىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىك خەۋىرىنى ئېتىراپ قىلمىدى. ئىسرائىلىيە تەرەپ توقۇنۇشتا 50 نەپەر خاماس پىدايىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززەنى داۋاملىق بومباردىمان قىلغان بولۇپ، بومباردىمان قىلىشقا تانكا قىسىملىرى، دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىكەن. مەزكۇر بومباردىماندا ھازىرغا قەدەر 470 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان. خاماسنىڭ ئاتقان راكېتالىرىدا بولسا 4 نەپەر ئىسرائىلىيىلىك ئۆلگەن.

ۋەزىيەت ناھايىتى جىددىي تۈس ئالغانلىقى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىككى تەرەپنى ئۇرۇش توختىتىشقا ئۈندەشنى كۈچەيتمەكتە.

بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان چېخ جۇمھۇرىيىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئوتتۇرا شەرققە ئەۋەتكەن. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەكىلىنى ئەۋەتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا، ئىككى تەرەپنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان. ب د ت باش كاتىپى ئىسرائىلىيىنى يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قىلىشىنى توختىتىشقا چاقىرغان بولۇپ، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 3 - يانۋار ئاچقان يىغىنىدىن خۇلاسە چىقمىغان.

مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك ئىسرائىلىيىنى دەرھال ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان بولۇپ، مۇبارەك بۇنى "تاجاۋۇزچىلىق" دەپ ئەيىبلىگەن، ئىئوردانىيە رەھبىرىمۇ ئوخشاش مەيداندا تۇرۇپ ئىسرائىلىيىنى ئەيىبلىدى.

ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا ئىسرائىلىيىنىڭ تىنچلىققا ئېرىشىشىنىڭ بىردىن بىر ئۇسۇلى، پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقنى ئېتىراپ قىلىشتۇر، دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن، رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ تانكا قىسىملىرى كېچە سەۋەبىدىن خاماسنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.