ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 14-ماي ئىسرائىلىيىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى بولۇپ، ئىسرائىلىيە دۆلىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى بويىچە 1948-يىلى 14-ماي كۈنى رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان ئىدى.
پەلەستىن ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى 14-ماي كۈنىنى «ئاپەت كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ نەزىرىدە 1948-يىلى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرەبلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ، نۇرغۇنلىغان پەلەستىنلىكلەر قىرىلغان ۋە ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ باشقا ئەللەرگە مۇساپىر بولغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ھەربىي باياناتچىسى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋان چېگراسىدىن ئىسرائىلىيە تەرەپكە بۆسۈپ كىرگەنلەرگە ئوق چىقارغان ھەمدە ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ چېگرادىن بۆسۈپ كىرىشكە ئۇرۇنغانلارغا ئوق چىقىرىشنى بەلگىلىگەن.
بۇ كۈندە يەنە ئىسرائىلىيە پايتەختى تېل-ئاۋىۋتىمۇ ۋەقە يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئادەم ئۆلۈپ 8 ئادەم يارىلانغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، نەچچە ئونلىغان ئاپتوموبىللار نارازىلىق بىلدۈرگۈچى پەلەستىنلىكلەرنى ئىسرائىلىيە چېگرالىرىغا ئېلىپ بارغان.