بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە 1967-يىلدىكى چېگرانى ئاساس قىلىش كېرەكلىكىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر.
ئىسرائىلىيە 1967-يىلىدىكى «6 كۈنلۈك ئۇرۇش»تا شەرقىي ئېرۇسسالىم ۋە غەربىي قىرغاقتىكى پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالغان. لېكىن ئوباما پەلەستىنلىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا -ئىسرائىلىيە دوستلۇقىنىڭ تەۋرەنمەس ئىكەنلىكىنى، «ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانۇنسىزلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى»نىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پرېزىدېنت ئوباما يەنە، مىسىر، تۇنىس، لىۋىيە، بەھرەيىن، يەمەن قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىدىكى دېموكراتىك خەلق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خەلق ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغاندا باستۇرۇش ھەرىكىتى ئاقمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ، يىراقتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆتكەنكى 6 ئاي جەريانىدا ئەرەب دۇنياسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن شۇ نەرسە مەلۇم بولدىكى، خەلقنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئۇزۇن يىللىق تەشنالىقى ئاخىرى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوباما يەنە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىن لادېننى ئۆلتۈرۈشى تېررورچىلارغا بېرىلگەن قاتتىق زەربە ئىكەنلىكىنى، بىن لادېننىڭ شېھىد ئەمەس، بەلكى بىر قاتىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بىن لادېن ئۆلۈشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىقنى قىبلىنامە قىلغان ئىدېئولوگىيىسى ئەرەب دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يوقاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.