نەنسى پىلوسى خانىم ماۋزېدوڭنىڭ رەسىمىگە داغ چۈشۈرگەن 3 كىشىنى قارشى ئالدى

بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن، ماۋزېدوڭنىڭ رەسىمىگە تۇخۇم ئېتىپ داغ چۈشۈرگەن 3 كىشى تۆتىنجى ئىيون كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا، ئۆزلىرىنىڭ كوممۇنىست تۈرمىسىدە قاتتىق قېيىن - قىستاققا ئېلىنغان، ھاقارەتلەنگەندىمۇ، ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشاپ قالغان كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە، ئامېرىكا پارلامىنت باشلىقى نەنسى پىلوسى خانىم، كرىستوفېر سىمىس، فرانك ۋولف قاتارلىق پالامىنت ئەزالىرى بىلەن بىللە، بۇ 3 كىشىنى قارشى ئالدى. بۇنىڭ جەريانىنى 'خىتاي ئۇچۇر مەركىزى' نەخ مەيداندىن ۋىدىوغا ئېلىپ خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1989‏ - يىلى 5 ‏ - ئاينىڭ 19 ‏ - كۈنى خۇنەندىن يۈجژچاڭ، يۈ دوڭيۆ، لۇ دېچېڭ ئىسىملىك ئۈچ ياش بېيجىڭگە كەلگەن. ئۇلار 5 ‏ - ئاينىڭ 23 ‏ - كۈنى 'شەخسىيگە چۇقۇنۇشنى توختىتايلى' دەپ يېزىلغان پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېرىپ، تيەنئەنمېنگە ئېسىپ قويۇلغان ماۋزېدڭ رەسىمىگە، ماي بۇياق قاچىلانغان تۇخۇملارنى ئېتىپ داغ چۈشۈرگەن. ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنى ساقچىلارغا تۇتۇپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ يىلى 8 ‏ - ئايدا ئۇلارنىڭ بىرىگە مۇددەتسىز، ئىككىنجسىگە 20 يىللىق، ئۈچىنجىسىگە 16 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. ئۇلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1998‏ - يىلى، 2000‏ - يىلى ۋە 2006 ‏ - يىلى تۈرمىدىن چىقىرىلىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

ئامېرىكىدىكى لاۋگەي فوند جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، 2004 ‏- يىلى كانادا ئۇلارنىڭ بىرىگە سىياسىي پانالىق بەرگەن، يەنە بىرىگە ئامېرىكا تايلاند ئارقىلىق سىياسىي پانالىق بەرگەن. ئامېرىكا ئۇنۇڭدىن كېيىن يەنە، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىلگەن يۈ جىژجەنگە 2008‏ - يىلى سىياسىي پانالىق بەرگەن ئىدى.