ئامېرىكىنىڭ پارلامىنت باشلىقى نەنسى پلوسى خانىم خىتاينى زىيارەت قىلماقچى

ئامېرىكىنىڭ پارلامىنت باشلىقى نەنسى پلوسى خانىم ھازىر خىتاينى زىيارەت قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، نەنسى پلوسى خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى، بارەك ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغان ئەڭ يۇقۇرىي دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نەنسى پلوسى خانىم، بۇ قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتايغا قارىتا قاتتىق قوللۇق سىياسەت قوللىنىدىغان تەرەپنىڭ خىتاي جاۋاپسىز قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان سۇئاللىرىنى قايتىدىن سورىشى تۇرغان گەپ.

نەنسى خانىم بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينى تىبەت مەسىلىسىدە قاتتىق تەنقىتلەپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينى ئەيىپلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان، ھەتتا تىبەت مەسىلىسىگە خەلقئارانىڭ ئارىلىشىشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىپ خىتاينىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن ئەرباب ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رىك لارسېننىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ تىكلىنىشىنى، خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكلەتلەرنى قوللاپ كېلىۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەلققە ياخشى مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان نەنسى خانىمنىڭ، تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى ھارپىسىدا خىتاينى زىيارەت قىلىشى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك.

شىنخۇا ئاگېنتلىنىقنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پارلامىنت باشلىقى نەنسى پلوسى خانىم يەكشەنبە كۈنى خىتايغا كېلىپ، 5 ‏- ئاينىڭ 31 ‏- كۈنىگىچە تۇرىدىكەن.