تەدبىردە يەنە، پەقەت زەربە بېرىشتىلا قاتتىق بولۇپ قالماستىن ، ئالدىنى ئېلىشتىمۇ قاتتىق بولۇش بەلگىلىمىلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، چاغان بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى " زەربە بېرىشتە قاتتىق، ئالدىنى ئېلىشتا يۇمشاق بولۇشتەك سەۋەنلىكلەرگە خاتىمە بېرىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئالدىنى ئېلىش ساھەلىرىگە ساقچى كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇش، قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ۋە قاتتىق كونترول قىلىش" تىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ مۇجەسسەملەنگەن خىزمەت ئۇسۇلى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان "جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش" تەدبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇزۇندىن بۇيان ھەرخىل شەكىلدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئەمما خەۋەرلەرگە قارىغاندا 2008 - يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى، پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ قىزىلبويى يېزىسىدا بىرى قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ھەمدە بىر نەپەر خىتاي ساقچىسى جېنىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى پەيزىۋاتتا ئامانلىق تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پەيزىۋات ناھىيىسى يەنە، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئاساسى قاتلامدا ئامانلىق ساقلاش قوشۇنلىرىنى كۆپەيتىش تەدبىرلىرىنىمۇ بەلگىلىگەن.
