ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىچان ناھىيىسىدە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خام نېفىت ئامبىرى قۇرۇلدى

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خام نېفىت ئامبىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىچان ناھىيىسىدە قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر نېفىت ئامبىرىنىڭ ئالدىن پۈتكەن چوڭ باكلىرىغا خام نېفىت تولدۇرۇلۇشقا باشلىغان.

شىنجاڭ ئامانلىق تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر نېفىت ئامبىرىنى جۇڭگو نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتى قارمىقىدىكى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ياساپ چىققان.

خەۋەردە شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى خام ئەشيا ۋە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك تۈرىگە مەسئۇل ۋاڭ يۈەخۇانىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، پىچان ناھىيىسىدە قۇرۇلغان نېفىت ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي ھەجمى 8 مىليون كۇبمېتىر بولۇپ، 6مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىر نېفىت ئامبىرىنىڭ ھەجىمى بىر مىليون كۇبمېتىر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 480 مو بولۇپ، نۆۋەتتە قازاقىستاندىن توشۇپ كېلىنگەن خام نېفىت قويۇلۇشقا باشلىغان.