خىتاي دائىرىلىرى پىچاندا خىتاي جەسەتلىرىنى ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن ساقلىماقتا
خەۋەردە بۇ جەسەتلەرنى 'قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىق قېزىش ئېلىپ بارغاندا تېپىلدى'، 'بۇنداق جەسەتلەر ھازىر ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن ساقلىنىۋاتىدۇ' دەپ تەسۋىرلىگەن. شۇنداقلا، بۇنداق جەسەتلەرنى ئاتاشتا 'قەدىمقى مۇمىيا' دېگەن ئاتالغۇنى قوللانغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر پىچاندا ئالاھىدە ساقلىنىۋاتقان بۇنداق بېشىدا ئۆرۈمە چېچى ۋە بۇرۇتى بار جەسەتلەر چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋەتەن قوغدىغۇچىلىرى دەپ قارالغان. بۇ خەۋەردە ئەگەر كۆرۈشنى خالىسىڭىز، يىل ئاخىرىدا كۆرگەزمە قىلىنىشى مۇمكىن' دەپ جامائەت پىكرى توپلاشقا تىرىشقان.
خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' مۇ، تۇرپاننىڭ كۆيۈك تاغ ئېتىگىدىكى مەھەللىلەردىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خىتاي جەسەتلىرى چىققانلىقىنى خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، يىپەك يولىدىكى 'تەبىئىي مۇزېيخانا ' دەپ ئاتالغان تۇرپان رايونىدا، ھازىر مەدەنىي يادىكارلىق ئەتكەسچىلىكى ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭغا دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، تېپىلغان 'مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئالاھىدە قوغداش - ساقلاش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.