بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئىككى پەرزەنتلىك سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ئىشىنىڭ 2011 - يىلىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ سىياسەتكە ئاساسەن ئەگەر بالا تاپقۇچى ئەر - ئايالنىڭ بىرى يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىنىڭ ئەۋلادى بولسا، بۇ ئائىلىنىڭ 2 - پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇلىدىكەن.
بۇ سىياسەتنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە باشقا 4 ئۆلكىدە 2012 - يىلى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇنىڭ 2013 - ۋە 2014 - يىللىرى خىتاي بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1970 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق بەزى مىللەتلەرنىڭ شەھەر نوپۇسىدىكى ئاھالىسىغا 2 پەرزەنتلىك، يېزا ناپۇسىدىكى ئاھالىسىغا 3 پەرزەنتلىك تۈزۈمنى يۈرگۈزگەن ئىدى.
بۇ تۈزۈم ئۇيغۇرلارغا 1987 - يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى شەپقەتسىز يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. مەزكۇر تۈزۈمنى تەنقىد قىلغۇچى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر مەزكۇر سىياسەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ رايوندىكى كۆپ سانلىق ئورنىنى تىكلەيدىغان ۋاستىغا ئايلاندۇرۇۋالغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا 2 پەرزەنتلىك تۈزۈمنى يولغا قويسا، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن 2 پەرزەنتلىك تۈزۈمنى تەڭشەيدىغان ياكى تەڭشىمەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ سىياسەتنى پىلانلىق تۇغۇت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان مىللەتلەرگە قانداق تەدبىقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.